ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
​ئاساسنى توغرىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئورتاق ھالدا تەرەققىياتنى كۆزلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-24 21:02:27

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى  7- ئاينىڭ 21 - كۈنى «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، بۇ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

ۋىلايەتلىك مىللەت، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۈنجېن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىچى ـ سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن بۆلۈپ چىقىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تارىخنى بۇرمىلايدىغان نۇرغۇن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلغان، كۆپ خىل دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلدى. بىراق، تارىخنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، بۇرمىلانغان تارىخنى ئاساسنى توغرىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرىدۇ. نۇرغۇن پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا، ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىنى ئورتاق يېزىپ چىققان. بىز باشتىن ـ ئاخىر ماركىسىزملىق بەش قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ كاتىپى دىلخۇمار ئىمىر مۇنداق دېدى: مەن 25 يىلنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 10 يىلنىڭ ئالدىدا، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن 8 ـ تۈركۈمدە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ،      تۇنجى قېتىم ئاۋات ناھىيەسىدىن چىقىپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھەرلىك 73 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇدۇم. ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا، دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، جۇڭنەن مىللەتلەر داشۆسىنىڭ خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. پارتىيەنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىدا،  دۆلەتنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت تايانچ ئاسپىرانتلىرى پىلانى» بويىچە، يەنە غەربىي شىمال مىللەتلەر داشۆسىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدۇم. 2016 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىدە كاتىپ بولۇپ، تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم. «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب يەتتە باب بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەر سۆزلەنگەن، ئۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىشىمىزنى ئومۇمىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەقىقىي ئەپت ـ بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئىدىيەمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئەخلەتلەرنى ئۈزۈل ـ كېسىل سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مېڭەمدىكى كىرلەرنى تازىلاپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ناچار ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمەن.

ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ مۇھەررىرى قۇربانجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: «ئاق تاشلىق كىتاب»تا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەسلىكى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى، زوروئاستېر دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى كۆرسىتىلىپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەن تارىخىي تونۇش تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشىغا پايدىلىق. ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قولۇمدىكى قەلەم ۋە ئاپپاراتتىن پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ ھەم ھەر مىللەت ئامما  ئېرىشكەن ھەقىقىي نەپنى خاتىرىلەپ، ئۇلارغا نەپنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، نەپنىڭ نەدىلىكى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش