ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئىشىكتىن چىقىپلا گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈش، ھەممىلا يەردە يېشىللىق بولۇش
​ـــ باي ناھىيەسىنىڭ باغچىلاشقان شەھەر بەرپا قىلغانلىقى توغرىسىدا
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-19 18:29:13

 مۇخبىر پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈ لى

باي ناھىيە بازىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك كوچىلىرىدا ماڭسىڭىز، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر كۆزىڭىزگە تاشلىنىپ، يېشىللىق قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيى شەھەر رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل ـ گىياھلارنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئەتراپنى بىر ئېلىپ، دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ ...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى شەھەر پىلانلاش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىشنى چۆرىدەپ، «سۇنى باشلاپ شەھەرگە كىرگۈزۈش» ۋە «سۇنى شەھەردە ماكانلاشتۇرۇش» تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، فۇنكسىيەسى بىرىككەن، كەسىپ بىلەن شەھەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ناھىيە بازىرى تەرەققىيات ئۈلگىسىنى بەرپا قىلدى. ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيې لەنخې مۇنداق دېدى: بىز ناھىيە بازىرىدا «ئېكولوگىيەلىك يېڭى شەھەر، يېشىل يۇرت ـ ماكان، بەختلىك باي بەرپا قىلىش» نىشانى بويىچە شەھەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردۇق، نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شەھەر كۆلىمى 4.8 كىۋادرات كىلومېتىردىن 9.2 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭىيىپ، شەھەر نوپۇسىدىكىلەر 44 مىڭ كىشىدىن 90 نەچچە مىڭ كىشىگە كۆپەيدى.

سۇنى باشلاپ شەھەرگە كىرگۈزۈش

باي ناھىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىشنى چۆرىدەپ، «سۇنى باشلاپ شەھەرگە كىرگۈزۈش» تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شەھەر رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياڭ شىراۋ مۇنداق دېدى: ھازىر باي ناھىيەسىنىڭ كوچىلىرىدا ماڭساق سۇ مەنزىرىسى ۋە يېشىللىقنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتالايمىز، مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەللىشىپتۇ، ئالىي مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە سېلىشتۇرغاندا چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ.

2015 ـ يىلى، باي ناھىيەسى «سۇنى باشلاپ شەھەرگە كىرگۈزۈش»، «سۇغا ئاساسەن مەنزىرە دائىرىسىنى بېكىتىش» پىكىر يولى بويىچە، قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى غول ئۆستەڭنىڭ 6.9 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى تىنىپ قالغان تاشلاندۇق لاي -لاتقىلارنى تازىلاپ راۋانلاشتۇرۇپ، دەريا سۈيىنى شەھەرگە باشلاپ، ئەسلىدىكى ئاممىۋى يېشىللىقنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئەسلىدىكى ناھىيەلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانا، ناھىيەلىك يەسلى ۋە ئەسىر مەيدانى 1 ـ لىنىيەسىدە ئۇزۇنلۇقى 2.2 كىلومېتىر، كەڭلىكى 40 - 60 مېتىر كېلىدىغان سۇ مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى ھەمدە  ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ بىر تەرىپىگە سۈنئىي كۆل بەرپا قىلدى.

سۇنى باشلاپ شەھەرگە كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە باي ناھىيەسى زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسى ـــ «سۇنى شەھەرگە ماكانلاشتۇرۇش»تىن پايدىلاندى. قۇرۇلۇش تارماقلىرى تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتكەن دەريا بۆلىكىدە 3 ـ دەرىجىلىك سۇ ئاغدۇرۇش توسمىسى (سۇ مىقدارى چوڭ بولسا ئاپتوماتىك قويۇۋېتىدىغان، سۇ مىقدارى ئازراق بولسا زاپاس ساقلايدىغان توسما) ياساپ، دەريا يۈزى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

باي ناھىيەسى «سۇنى باشلاپ شەھەرگە كىرگۈزۈش، سۇغا ئاساسەن مەنزىرە دائىرىسىنى بېكىتىش» پىكىر يولى بويىچە، قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى غول ئۆستەڭنىڭ تىنىپ قالغان ئۆستەڭ يولىنى تازىلاپ راۋانلاشتۇرۇپ، دەريا سۈيىنى شەھەر رايونىغا باشلاپ، ئەسلىدىكى ئاممىۋى  يېشىللىقنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر مەركىزىدە «S» شەكىللىك سۇ مەنزىرە بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى. ياخشى مۇھىت قۇشلارنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنىمۇ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

يوللارنى كۆكەرتىش

باي ناھىيەسى يول بىلەن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەيەردە يول ياسالسا، يېشىللاشقان سۇلۇق يەرنى شۇ يەرگىچە ئۇزارتتى.   

يېڭىدىن ياسالغان يوللارنى كۆكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قارارغا بۆلۈپ يوللارنى ئۆزگەرتتى ھەم ھۇزۇرلىنىش قىممىتى يۇقىرى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە دەرەخلەرنى كۆپلەپ ئۆستۈرۈپ، يېشىل مەنزىرە قاتلىمى ۋە پەسىللىك ئۆزگىرىشىنى بېيىتتى. يوللارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا چاتقال، غوللۇق ئۆسۈملۈك، گۈل ـ گىياھ، يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى كۆپ قاتلاملىق ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتتى ھەم رەڭدارلىققا، پەسىل ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بىلەن دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەل ـ دەرەخنى ماسلاشتۇرۇش، چاتقال ۋە رەڭلىك يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلەرگە كۈچلۈك كۆرۈش سېزىمى ئاتا قىلدى.

ھازىر باي ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىنلا جايدا يېشىللىق ۋە سەيلە - ساياھەت باغچىسى بار. شيې لەنخې باي ناھىيەلىك كۇتۇپخانا يېنىدىكى سۈنئىي كۆلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ناھىيەمىز 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر رايونىنىڭ سۇ باشلاش، يول، تۇرۇبا تورى قاتارلىق شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن ياسىدى ۋە ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا ئادەمنى ئاساس قىلىپ، «358» كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر رايونىدا ھەر 300 مېتىردا بىر يېشىللىق، ھەر 500 مېتىردا بىر سەيلە باغچىسى، ھەر 800 مېتىردا بىر باغچا بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرگە باغچىدەك مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ھازىر باي ناھىيەسىنىڭ شەھەر رايونىدىكى باغ ـ ئورمان، كۆكەرتىش كۆلىمى 370 گېكتارغا، يېشىللىق يەر نىسبىتى % 40.2كە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 43كە، كىشى بېشى ئاممىۋى يېشىللىق كۆلىمى 25 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. شەھەر رايونىدا كوچا بويىدىكى يېشىللىقتىن 17 سى، كىچىك سەيلە باغچىسىدىن يەتتىسى، باغچىدىن بەشى قۇرۇلۇپ، يېشىل يول، يېشىل كارىدور 17.57 كىلومېتىرغا يېتىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان يولنى يېشىللاشتۇرۇش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، شەھەر يېشىللىق بەلبېغى مەنزىرە لىنىيەسى بەرپا قىلىندى.

يېشىل ماكان ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى گۈلمىرە تۇرغۇن مۇنداق دېدى: ھازىر شەھەر رايونىدا نۇرغۇن گۈل ـ گىياھ، دەل ـ دەرەخ، ھەممىلا يەردە كىچىك باغ، كىچىك مەيدان بار، مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.

ئىنسانىي غەمخورلۇق

قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى باغچىغا كېلىپ ئارام ئېلىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىش. بۇ، باي ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەرگە نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. مەركىزىي باغچىدىن قاپسىلاڭ دەرياسى باغچىسىغىچە، سودا كوچىسىدىن ناھىيەلىك كۇتۇپخانىغىچە، ئەسىر مەيدانىدىن دەريا بويى باغچىسىغىچە... ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باغچا، مەيدان، سەيلە باغچىسى شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارام ئالىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى.

شيې لەنخې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي پىلان قۇرۇلۇشىدا، باي ناھىيەسى شەھەر رايونىنى بىر مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىلگىر ـ كېيىن بولۇپ مەركىزىي باغچا، قاپسىلاڭ دەرياسى باغچىسى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئولتۇراق مۇھىتنى ياخشىلايدىغان زور بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويدى. تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، شەھەر رايونىنى يورۇتۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەيدانى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونا شەھەر رايونىنى كۆكەرتىش ـ ئۆزگەرتىش، تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ ئېقىنىنى تۈزەش، دەريا بويى باغچىسىنى ئۆزگەرتىش، كونا شەھەر رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، ناھىيەلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى ۋە گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇلۇشى قىلىش قاتارلىق كۆكەرتىش ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، شىنجاڭدىكى ناھىيە بازىرى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلدى.

باي ناھىيەسىنىڭ شەھەر كۆكەرتىش، مۇھىت تازىلىق ئىشچىسى تۇرغۇن توخسۇن مۇنداق دېدى: ھازىر يوللار كېڭەيدى، كۆكەرتىش بەلبېغى كۆپەيدى، ھەممە يەردە ئېگىز بىنالار بار. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى ئاھالىسى ئارزۇگۈل سابىت مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇۋاتقان مەھەللە ئىلگىرى بىر قەۋەتلىك كەپ ئۆي رايونىدىن ھازىرقى ئازادە، رەتلىك يېڭى بىنا رايونىغا ئۆزگەردى، بۇرۇن ئوت قالاپ ئىسسىناتتۇق، ھازىر مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىلگىرى ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىشلىتەتتۇق، ھازىر ھەربىر ئائىلىدە ئايرىم ھاجەتخانا بار، توپىلىق يول كەڭرى تاشيولغا ئۆزگەردى. بىز بۇ يەردە ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز.

2019 ـ يىلى باي ناھىيەسى شەھەر رايونىنى كۆكەرتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، بىر يىلدا 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر رايونىدىكى 6.1 گېكتار يەرنى كۆكەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى، ھازىر 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئارشاڭ يولى بىلەن قاتناش يولىنىڭ كېسىسىش ئېغىزىنى كۆكەرتىش، قاتناش يولىدىكى 4 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى كۆكەرتىش تۈرى ۋە شەھەر رايونىدىكى ئەسلىدىكى كۆچەتلەرنى تولۇقلاپ تىكىش خىزمىتىنى تاماملاپ، پۈتكۈل ناھىيە بازىرىنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش