ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«ئىسسىق» ئىستېمال ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-19 18:28:11

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، جايلار تومۇز ئىسسىق مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئاقسۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىشىپ، سالقىنداشقا مۇناسىۋەتلىك ئىستېمال قىزىپ كەتتى.

تاماق ئەكەلدۈرۈشكە ئائىت زاكاز «قىزىپ كەتتى»

مېيتۈەن تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تاماق يەتكۈزۈشكە ئائىت زاكاز ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھەر ئايدا ئالدىنقى ئايدىكىدىن %30 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، خىزمەت تامىقى، ئىچىملىك تۈرىدىكى زاكاز مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە كېچىلىك تاماق ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ، تاماق يەتكۈزۈش ۋاقتى ئەڭ كەچ بولغاندا سەھەر سائەت 2:00 گىچە داۋاملاشقان.

مېيتۈەن تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسىنىڭ تاماق يەتكۈزگۈچىسى ئەكرەم سەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ياز كىرگەندىن بۇيان، مەن كۈندە 80 دەك زاكاز يەتكۈزۈۋاتىمەن.

دوستلىرىڭىزغا بىرەر نەرسە سوۋغا قىلىشنى ئويلىدىڭىز، بىراق ئىسسىقتىن قورقسىڭىز، بىرەر نەرسە يېمەكچى بولدىڭىز، ئەمما تاماق يەتكۈزۈش APP دېتالىدا بولمىسا، ئۇنداقتا «يۈگۈر ـ يېتىم» ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرىپ زاكاز قىلسىڭىز بولىدۇ... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «يۈگۈر ـ يېتىم» مۇلازىمىتى ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىن بەس ـ بەستە پايدىلىنىپ زاكاز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى ئاۋارىچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى. «يۈگۈر ـ يېتىم» سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەت قىلغۇچىسى ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مۇلازىمەت تۈرىمىز ئىنتايىن كۆپ، سۇ، توك ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن كۆكتات سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن ئەۋەتىش قاتارلىق مۇلازىمەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ھازىر تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ، بىزنىڭ كۈندىلىك زاكاز مىقدارىمىزمۇ جىددىي ئاشماقتا، كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 نەچچە زاكاز چۈشىدۇ.

تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆيىدىن سىرتقا چىقماي، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تورغا تايىنىپ قامدىماقتا. تېز يەتكۈزگۈچى خادىم ۋاڭ فېيخۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئادەتتە مەن كۈنىگە 150 نەچچە مال يەتكۈزەتتىم، ھازىر كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مال يەتكۈزىمەن.

تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدىغان، سالقىندايدىغان مەھسۇلاتلار «قىزىپ كەتتى»

توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن ئائىلىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق چوڭ يۈكلۈك ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈكى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاقسۇ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەڭ چوڭ يۈكى 1798 مېگاۋاتقا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ قاتارلىق يازلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭمۇ بازىرى چىقتى. مۇخبىر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى شەھەرچىسى، خۇانېڭ سودا شەھەرچىسى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودا سارايلىرىدا مەسلىھەت سورىغىلى ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ سېتىۋالغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى كۆردى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى شەھەرچىسىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ ساتىدىغان خىزمەتچىسى مۇخبىرغا كۈنىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ تىپىدىكى مەھسۇلاتتىن 10 نەچچە يۈرۈش سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىر نۇرغۇن كارخانىنىڭ توردا ۋە دۇكاندا ماس قەدەمدە سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش تۈرىدىكى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى، كۈنلۈك، ئاپتاپ توسۇش قالپىقى، يەڭلىك قاتارلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى تېز بولدى. ئاقسۇ شەھىرى شەرقىي ئايلانما توپ سېتىش بىناسىدىكى بىر تىجارەتچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر كۈنىگە ئاپتاپنى توسۇش قالپىقىدىن نەچچە مىڭنى توپ تارقىتىمىز، پارچە ساتساقمۇ كۈنىگە 100 گە يېقىن ساتالايمىز.

ساياھەتكە چىقىپ سالقىنداش «قىزىپ كەتتى»

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدىكى فېڭيۈلىن ئىستىراھەت بېغىدىكىلەر 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى سەھەردىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ باغنىڭ دىرېكتورى مى ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ھەپتە ئاخىرى كەلسىلا، بۇ يەرگە كېلىپ سالقىندايدىغان ساياھەتچىلەر ئادەتتىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپىيىدۇ.

باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك ئارىشاڭ ئارامگاھى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىز ھەمدە شىمالىي شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. تېرەك ئارشاڭ ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر ساياھەتچىلەر ئەڭ ئاز ۋاقىتتىمۇ ئارامگاھنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. ئارامگاھنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ، 14 ـ كۈنى ئارامگاھقا ئوينىغىلى كەلگەنلەرنىڭ سانى كۈندە 1000 غا يېقىنلىشىپ، كۈندىلىك كىرىم ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ دائىم ئاپتوموبىل بىلەن ئونسۇ ناھىيەسىدىكى نوشقا مەنزىرە رايونى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قارلىغاچبۇلاق تېغى مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قارلىغاچبۇلاق تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: ناھىيە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىش بېلىتى كىرىمى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش