ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى 1مىليون 225 مىڭ 800 يۈەن ياردەم خىراجىتىگە ئېرىشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-19 18:27:11

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ 2019 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا (ئالىي مائارىپ) 1 مىليون 225 مىڭ 800 يۈەن ياردەم خىراجىتى ئاجرىتىپ بەرگەن.

بۇ تۈركۈمدىكى ياردەم (ئالىي مائارىپ) خىراجىتى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش، ھەربىي سەپتىن چېكىنىش، كەنجى ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش بويىچە ئوقۇش ھەققى ياردەم خىراجىتىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بىر ئادەمگە يىلىغا 8000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە؛ دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى پۇلى بىر ئادەمگە يىلىغا 5000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە؛ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرئادەمگە يىلىغا 3000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدۇ.

مەبلەغنىڭ ئاجرىتىلىشغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى ئۈچ ئوقۇغۇچى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىغا، 159 نەپەر ئوقۇغۇچى دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى پۇلىغا، 100گە يېقىن ئوقۇغۇچى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش، ھەربىي سەپتىن چېكىنىش، كەنجى ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش بويىچە ئوقۇش ھەققى ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش