ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى خالىس كۆردى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-19 18:26:30

ئۆز خەۋىرىمىز. ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى تۆت پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 50 تىن ئارتۇق خادىمىدىن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە خالىس كېسەل كۆرۈش ۋە ساغلاملىق دەرسخانىسى لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى تەشكىللەپ، 7 ـ ئاينىڭ 9  ـ كۈنىدىن 11 ـ كۈنىگىچە  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتى ۋە توپلۇق يېزىسىنىڭ قاراكۆل كەنتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «خالىس كېسەل كۆرۈپ، ساغلاملىق سوۋغا قىلىش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

توپلۇق يېزىسىنىڭ قاراكۆل كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇكېرىم ئېزىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: نەچچە كۈندىن بېرى پۇتۇم ئاغرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۆيىمىزدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى تېخى تۈگىمىگەچكە، دوختۇرخانىغا بارالمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم نۇرغۇن دوختۇرلار كېسەل كۆرگىلى كەپتۇ، تېخى مەخسۇس پۇت كېسىلىنى كۆرىدىغان دوختۇرمۇ بار ئىكەن، پۇتۇمغا دورا چاپلاپ ھەم دورا يېزىپ بەردى، يەنە تېخى چاي ئىچىدىغان ئىستاكانمۇ بەردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە كېسەل كۆرۈش ئەترىتىنىڭ داۋالاش خادىملىرى ئاممىنىڭ قان بېسىمى ۋە قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، يۈرەكنى ئېلېكتىروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش، B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە خالىس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رېتسىپ يېزىپ، ھەقسىز دورا تارقىتىپ بەردى،  دورا ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ دورا ئىشلىتىش لايىھەسىنى تەڭشەپ بەردى.

ساغلاملىق دەرسخانىسى لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار پائالىيەتتە مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ئاممىغا ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، ياشانغانلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئاممىغا تۈرلۈك ساغلاملىق تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ ئەترەت پائالىيەتتە جەمئىي 600 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، 600 نەچچە ئادەمگە ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت بەرگەن، ئاممىغا 33 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تارقاتقان.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش