ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى
​ھەربىي سەپتىن قايتقان، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پەسەيتىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلار بۇ دائىرىگە قوشۇلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-19 18:23:27

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ۋىلايەت ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە يار ـ يۆلەك بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پائال رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ يەڭگىللىتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغان.

شەخس ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى ئوبيېكتلىرى: شەھەر، بازارلاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقانلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن خادىملار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشسىزلار، ئىستۇدېنت كەنت كادىرى، تور سودىگەرلىرى، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلە، يېزىلاردىكى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقانلاردىن باشقا، يەنە ھەربىي سەپتىن قايتقان، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پەسەيتىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر قاتارلىقلار قوشۇلدى.

شەخسىي ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىگە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قەرز خاتىرىسى تەلىپى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى: ئىلتىماس قىلغۇچى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىگە ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزى ۋە جورىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرزى، نامراتلارنى يۆلەش قەرزى، تۇرالغۇ ئۆي قەرزى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرزى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئاز سوممىلىق ئىستېمال قەرزى (كىرېدىت كارتىسى ئىستېمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن باشقا قەرزى بولماسلىقى كېرەك.   

شەخسنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 150 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسىدا، كارخانا شۇ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىم سانى ھازىرقى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %25 (خادىمى 100 دىن ئاشقان كارخانىنىڭ %15)كە يەتكەن ھەم بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختىمى ئىمزالىغان بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3 مىليون يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىگە ئىلتىماس قىلالايدۇ.

كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنىڭ ئوبيېكتى ـــ شۇ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىم سانى كارخانىنىڭ ھازىرقى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %25 (خادىمى 100 دىن ئاشقان كارخانىنىڭ   %15)كە يەتكەن ھەم بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختىمى ئىمزالىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىگىلىك تىكلىگەن جايدا ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، نوپۇس تەۋەلىكى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قەرز مۆھلىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز مۆھلىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەرز مۆھلىتى توشقاندا قەرز ئالغۇچى قەرەلىنى ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتسە، كېپىللىك ئاپپاراتلىرى داۋاملىق كېپىل بولۇشقا قوشۇلسا، قەرەلىنى بىر قېتىم ئۇزارتقىلى بولىدۇ. قەرەلىنى ئۇزارتىش مۆھلىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قەرەلىنى ئۇزارتىش مەزگىلىدە ئۆسۈمى تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەرز قايتۇرۇشتا ئاكتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ياخشى بولغان شەخسلەر ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى ۋە ئۆسۈمىنى تولۇقلاپ بېرىشتىن داۋاملىق بەھرىلىنىدۇ، لېكىن ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلغان شەخسلەر ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى ئېشىپ كەتسىمۇ تولۇق سومما بويىچە قەرزنى قايتۇرمىسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى ئىناۋەت سىستېمىسىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش