ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

​شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-19 18:21:53

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت ئادەم ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق كارخانىلار، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پۇقراۋى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم  ـ كېچەك كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش  قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 39 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئەمگەك كۈچى 12 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن.

نامرات ئاھالىلەرنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ ئىچئېرىق بازىرىنىڭ توغرىقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېقىندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۇرسى ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار دېھقانلارغا ئالاقىدار ماھارەتلەرنى ئۆگىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاشقا ئائىت سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى ھەم تەربىيەلىنىشتە لاياقەتلىك بولغانلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشكە ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلىلەردىكى 30 ئەمگەك كۈچى قاتناشقان بولۇپ، كۇرستا مۇئەللىم ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق، ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت بىلىملەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، قانداق ئىگىلىك تىكلەش، ماركا يارىتىش، خېرىدار كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەتكۈزۈپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. تەربىيەلەشكە قاتناشقان دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى رابىيگۈل راخمان مۇنداق دېدى: تەربىيەلەشكە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، پەقەت ئۆزۈمنىڭ قۇم بىلەن داۋالاش دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى ياخشى ئاچساملا بولدى، دەپ قارايتتىم، مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىرىمنى كۆپەيتىدىغان نۇرغۇن يولنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. مەسىلەن: باقمىچىلىق بىلەن دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىز بېقىپ، ئۆزىمىز ساتساق، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، مەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى پىلانلايمەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، «كەسپىي تەربىيەلەش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يىلى» پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، «كوللېكتىپ ئەۋەتىش، كوللېكتىپ تەربىيەلەش ۋە كوللېكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر «قوش يۆنىلىشلىك ئېنىقلاش» ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەربىيەلەش ۋەزىپىسىگە ئىلتىماس قىلىش، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۆزى ئۇدۇللاشتۇرۇش، كارخانىلار تەربىيەلەشنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇلدا، تۈركۈمگە، قارارغا، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ يول ئارقىلىق نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ۋە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بىر تۈركۈمگە تەسىر كۆرسىتىش، بىر دائىرىنى يېتەكلەش»نى زور كۈچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. تەربىيەلەش جەريانىدا قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولۇشنى تەكىتلەش، تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىشتا تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى كۆزلەش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە ۋىلايەتنىڭ ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، تەربىيەلەش سۈپىتى ۋە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەربىيەلەشتىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش