ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2 ـ يىغىنى ئېچىلدى
​ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
​دۇ ۋەنگۈي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-07-15 17:10:21

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2 ـ يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنى، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئۆگىنىلىپ، «ئاقسۇ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ‹سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قارىمىقىدىكى سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئائىت يولغا قويۇش پىكرى»گە قاراپ چىقىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇ ۋەنگۈي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى  ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى باشتىن ـ ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.     

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق، «76331» ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇشى لازىم. ئىشەنچ، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خىرىسقا، خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىدىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال، ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ ـ ئامان، ئىناق، باي ـ باياشات، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشى لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىمۇ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ، تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا تەشكىللەش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش، خادىملارنى يۆتكەش ـ سەپلەش تاماملاندى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىنىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى مۇھىم، زور ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە رەھبەرلەر «باشلامچى بولۇش تۈزۈمى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىنى ياخشى قىلىپ، ۋاقىت بۆلىكى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر)لەر، مەخسۇس گۇرۇپپىلار، باشلامچى ئورۇن (تارماق)لار سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئالاقىدار ساھەدىكى مۇھىم، زور ئىسلاھات مەسىلىسىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك. تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيەت تەقسىماتى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپلىك، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىقلارغا چېتىشلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىدە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش مۆھلىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى لازىم. رادىيو، تېلېۋىزور، تور بېكىتى قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

نىياز ھاشىم، دېڭ شۈەنبىن، ليۇ خۇڭجۈن، ۋۇ داڭ، ۋاڭ شۆدۇڭ قاتارلىق ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش