دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-23 18:01:23

مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەي خاۋمىڭ

2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك لېكتورى، ۋىلايەتلىك «تومۇر چوققا ئىختىساس ئىگىسى» رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، چىن كۆڭلۈم، چىن ھېسسىياتىم بىلەن پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى كۈيلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۆپ قاتلامدىن، كۆپ تەرەپتىن، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن.

ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ فەن مۇنداق دېدى: بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرگە بولغان پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، توردا تەشۋىق قىلىش ۋە تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، باش تېمىلىق ئەترەت كۈنى ۋە ئەترەت كۈنىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ـ ياشلار، پىيونېرلار ئارىسىدا پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات ـ تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار، پىيونېرلارنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياشلار تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ 4 ـ دەرىجىلىك مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى دۇڭ شياۋشىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن قاتتىق ئىلھاملاندىم. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك تارىخى جۇڭگو يولىنىڭ توغرىلىقى، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى چۈشىنىشنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى. مەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش جەريانىدا ئېتىقاد ـ ئىشەنچىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەۋىلىك چېنىقىشنى تاۋلاپ، خەلققە بولغان مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيىتىمنى نامايان قىلىپ، يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بەي جىۋۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى   شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى + كەسىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى + يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرىمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش