دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى ئىككى مەھەللىگە «2020 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىشتىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دەپ نام بېرىلدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-23 17:40:51

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز چېن لۇلۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نيۇ جىنلۇ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 2 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى ئىككى مەھەللىگە «2020 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىشتىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دەپ نام بېرىلگەن.

يېقىندا، مەملىكەتلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى بىرلىشىپ مەملىكەت بويىچە «2020 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىشتىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دەپ نام بېرىلگەن 999 مەھەللىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۇچا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى، شەرقىي شەھەر كوچا باشقارمىسى شۈييۈن مەھەللىسى بار.

ئىگىلىنىشىچە، كۇچا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى مەھەللىنىڭ ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت تەرتىپى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرغان. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئېلانى تاختىسى، تەشۋىقات ئىستونى، كۆزنەكلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ساۋاتلىرى تەشۋىقات قوللانمىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى كۈچەيتكەن. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق سەپلەپ، ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، قەرەللىك تەكشۈرگەن ھەمدە مەھەللىدە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش يولى، ۋاقىتلىق تارقاقلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بەلگىلىرى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان.   

كۇچا شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر كوچا باشقارمىسى شۈييۈن مەھەللىسى ئىدارە ۋە ئاھالىلەرنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ھەم تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاپەت ئەھۋالى يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. مەھەللىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان تەشۋىقات ـ تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپنى تەشۋىقات ـ تەربىيە بازىسى قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئۆيىدىكى تۇرمۇش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوراللىرىنى ياساشقا ئىلھاملاندۇرغان. قەرەللىك تۈردە ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ۋاقتىدا ئالدىن مەلۇمات ۋە سىگنال بەرگەن. خادىملارنى تەشكىللەپ ئاپەت نۇقتىسى، خەتەر مەنبەلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە مەھەللىدىكى بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلار قاتارلىق توپلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن.

ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە ــ شەھەرنىڭ ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى، مەھەللىنىڭ ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئۇللۇق خىزمەت بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىشتىكى ئۈلگىلىك مەھەللە بەرپا قىلغاندىلا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەھەللىلەرنىڭ تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ۋە كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «مەملىكەت بويىچە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىشتىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت  زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش