دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سۈپەتكە، سانغا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-23 17:39:41

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋەر قىلىدۇ) 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار تەرتىپلىك ۋە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، خالتىلارغا قاچىلانغان ئوغۇتلار رەتلىك قويۇلغان بولۇپ، ئىسكىلاتتىن چىقىشنى كۈتۈۋاتاتتى، توشۇش ئىشچىلىرى ئوغۇتلارنى ئاپتوموبىلغا بېسىۋاتاتتى.

بۇ شىركەتنىڭ سېتىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى جاۋ جەن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نىترو بىرىكمە ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇتقا كاپالەتلىك قىلدى، ھازىر، ھەر كۈنى 1000 توننا نىترو بىرىكمە ئوغۇتى، 1000 توننا ئورىيە ئىشلەپچىقىرالايمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ھەر خىل ئوغۇتتىن 80مىڭ توننىدىن ئارتۇق زاپاس ساقلىدۇق.

جاۋ جەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى سېتىش ۋە بازارنى تەكشۈرۈش، سىناق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ يىل بىز يەنە شورلۇق تۇپراق ۋە ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىققا ماس كېلىدىغان يېڭىچە ئوغۇتنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق، بۇ

يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ۋە كېيىنكى مەزگىللىك تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئوغۇت ئىشلىتىش جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك بازارغا سالىمىز.

شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شايار ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئالدىراش ئىشلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.   

شايار ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» نىشانىغا ئاساسەن، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەقىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كېۋەز سورتىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كېۋەز ئۇرۇقى ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، پاختا سۈپىتىنى مەنبەدىن يۇقىرى كۆتۈردى.

بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىلغار، ئۈنۈملۈك دورىلارنى ئىشلىتىپ ئۇرۇقنى دورىلايمىز، دورىلاپ بىرتەرەپ قىلىنغان كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ بىخ سۈرۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھازىر كۈنىگە 70 ـ 80 توننىغىچە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز، نۆۋەتتە، ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقىدىن 2000 توننا ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىپ بولدۇق، بۇ، ناھىيەمىزنىڭ كېۋەز ئۇرۇقى بازىرى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، شۇنداقلا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتى ھەم شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا سېتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شايار ناھىيەسى 1 مىليون 980 مىڭ مو كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سورت تولۇق، مىقدارى يېتەرلىك، سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش