دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىدا بىرسىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمىدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-23 17:38:30

 ۋىلايەت قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە «قاتنىشىشقا تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىنى بەھرىمەن قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەن فاڭشۆ خەۋەر قىلىدۇ) 2 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان توختى ئەرشىدىن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، مەن ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايمەن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

توختى ئەرشىدىننىڭ ئوغلى ئىلگىرى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، تاپقان ـ تەرگىنىنى ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن بولۇپ، 2017 ـ يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئۇزاق مەزگىل داۋالىتىش ئارقىلىق ئوغلىنىڭ كېسىلى تۇراقلاشقاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئوغلى ۋە كېلىنى كەينى ـ كەينىدىن مۇقىم خىزمەت تاپتى، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى. توختى ئەرشىدىننى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۇ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. 2020 ـ يىلى 8 ـ ئايدا،  60 ياشقا كىرگەن توختى ئەرشىدىننىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتى ئېلىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ، ئۇنىڭ ياشانغاندىكى تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىلايەت ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشنى ئاساسىي كاپالەت قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە «قاتنىشىشقا تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىنى بەھرىمەن قىلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، 2017 ـ يىلىدىن بۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەنلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، سالاھىيىتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش بويىچە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولۇش، تىزىملىك خاتىرىسى بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. شۇنداقلا، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە مەركەزلىك ئىش بېجىرىش ئەندىزىسىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ناھىيە (شەھەر)لەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ بۇلتۇر شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار 51 مىڭ ئادەمگە ھەر ئايدا تولۇق سوممىسى بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىنى بەھرىمەن قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيگەن قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ھەرىكەتچان ھالەتتە تۈگىتىش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، ھەر ئايدا نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئۇچۇرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش سىستېمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى سۇپىسىدا ھەرىكەتچان ھالەتتە يېڭىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

سىياسەتنى ئېنىق سۆزلەش، ياخشى تەرەپلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايەت سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ شەخسىي ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى ئۇقتۇرۇش قىسقا ئۇچۇرى يوللىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە گېزىت، تېلېۋىزور، ۋېيشىن سۇپىسى قاتارلىقلاردا ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى بېسىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا 772 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش