دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-23 17:36:48

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاڭ چېنجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى چياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ يىل 2 ـ قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋشېڭ مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشىنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىشلەش، نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىجىل ئۆگىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدار قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىدىكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمەت ھوقۇقىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى پائال قوشۇش كېرەك.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن پەتتار تۇرسۇن، ئەمەرجان ئاۋۇت، تاڭ جيەنفېڭ قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش