دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت 2021 ـ يىللىق تەبىئىي بايلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى
تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە سىلجىتىش كېرەك
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-23 17:35:45

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خەيدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2021 ـ يىللىق تەبىئىي بايلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، «13 ـ بەش يىل» مەزگىلى، 2020 ـ يىللىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەت پىكىر يولى ۋە 2021 ـ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق ساھەسى خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جيا جىڭلېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزدىكى تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىكىلەر يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىپ ئۆي سېلىش مەسىلىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ـ تۈزەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ داچا سېلىشنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزەش، مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش ـ تۈزەش ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش بويىچە تۈزەش ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، دۆلەت زېمىنى بويىچە «ئۈچ تەڭشەش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، «كۆپ بەلگىلىمە بىرلەشكەن» دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈردى. يەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يەر ئامىلى تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، «كۆپەيتىش بىلەن ساقلاشنى چېتىشتۇرۇش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەچكە، تەستىقلانغان بولسىمۇ تەمىنلەنمىگەن ۋە بىكار تۇرغان يەرلەرنى بىرتەرەپ قىلىش نەتىجە ـ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. گېئولوگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، گېئولوگىيەلىك كان تېپىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئۆلچەش ـ سىزىش جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىي بايلىق ساھەسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2021 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى باشلىنىش يىلى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى باشلاش يىلى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇڭا بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. «ئۈچ يېڭى» پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، «ئۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى كۈچەيتىش، «ئۈچ چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلىش ئاساسىدا، قاتتىق تەدبىرلەرنى كۈچەپ قوللىنىپ ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداش؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ يەر باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە يەرلەردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ـ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش؛ ئۆلچەش ـ سىزىش جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىنى ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىستېما مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سىستېمىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش؛ ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى «چىڭىتىش»قا جۈرئەت قىلىش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى «زىممىگە ئېلىش»قا جۈرئەت قىلىش، خىزمەت تەدبىرلىرىنى «پۇختىلاش»قا ماھىر بولۇش؛ جەڭگىۋارلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «قەتئىي بەل قويىۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق ۋە غەيرەت بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن، كۆپ تەتقىق قىلىپ، كۆپ ئويلىنىپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، 2020 ـ يىللىق تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەندى.

يىغىن سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئېچىلدى، ناھىيە (شەھەر)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش