دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

باجنى قايتۇرۇش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇلدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-02-22 17:48:16

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خاۋ خەۋەر قىلىدۇ) 2 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، شىنجاڭ خۇافۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيەگە مەسئۇل خادىمى سۇ سى قايتۇرۇلغان 5 مىليون 110 مىڭ يۈەن باجنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر باج تارمىقىدىكىلەرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى بەك ياخشى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى بارغانسېرى يۇقىرى بولۇپ كېتىپتۇ. مەن ئۆلۈشكۈن باج قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان ئىدىم، قايتۇرۇلغان باج پۇلى بۈگۈن ھېساباتقا كىرىپتۇ.

شىنجاڭ خۇافۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىپ ئېگىرىش كارخانىسى بولۇپ، شۇ جايدىكى 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە 68 نەپەر مېيىپ بار. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇلتۇردىن بۇيان بۇ كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، مەھسۇلاتلىرى بېسىلىپ قېلىپ، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشى ئاستىلاپ، زاكاز ئازىيىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى چىقىمى قوشۇلۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى قىيىنچىلىقتا قالغان ئىدى.   

باج تارماقلىرى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بۇ كارخانىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلان تۈزۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ يىغىپلا قايتۇرۇپ بېرىش سىياسىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال كارخانىغا سىياسەتنى تەشۋىق قىلدى ۋە كەسىپ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنداقلا باجنى قايتۇرۇش تەرتىپى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى ئۇقتۇردى، باجنى قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتىن قايتۇرۇلغان باج پۇلى ھېساباتقا كىرىشكىچە پەقەت ئىككى خىزمەت كۈنىلا كەتتى. تېز سۈرئەتتە ھېساباتقا كىرگەن پۇل كارخانىنىڭ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ۋىلايىتىمىزدىكى باج تارماقلىرى خاسلاشقان لايىھە تۈزۈش ئارقىلىق، «تۈر باشقۇرغۇچى»لىق مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بانكا، باج ھەمتۈرتكە بولۇش»نى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باج بېجىرىش «يېشىل يولى» ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ توردا باج بېجىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، باج بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، باج پۇلىنى قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەردى.

مەبلەغ ئايلاندۇرۇش ئىشىدا بېشى قاتقان ئاقسۇ جياباڭ ئوغۇتچىلىق چەكلىك شىركىتىمۇ يېقىندا، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى باجغا توغرىلاپ تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرۇپ بېرىلگەن 2 مىليون 510 مىڭ يۈەن باج پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ شىركەت پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشنى بىر گەۋدە قىلغان نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسال ئوغۇت كارخانىسى بولۇپ، بۇ پۇل شىركەتنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

شىركەتنىڭ باج خادىمى نيې دېڭجىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كارخانىمىزنىڭ ئېشىش مىقدارى باجغا توغرىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان باجنى قايتۇرۇش  شەرتىگە توشىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باج  خادىملىرى دەرھال شىركىتىمىزگە كېلىپ، بىزگە سىياسەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، قايتۇرۇلىدىغان باجنى توغرا ھېسابلىشىمىزغا ياردەم بەردى، بىز باجنى قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىنلا قايتۇرۇلغان باج پۇلى ھېساباتىمىزغا كىردى، باج تارماقلىرىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسى جەمئىي 50 (قېتىم) كارخانىنىڭ 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردى، باجنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 10 خىزمەت كۈنىدىن يەتتە خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى.

باجنى قايتۇرۇشنى يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرگەندىلا، ئاندىن كارخانىلارنى غەمدىن ھەقىقىي خالاس قىلغىلى بولىدۇ. ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسى مال ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت بېجى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باج بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ھەقىقىي ئىقتىدارنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش