دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش «تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات يولى»غا كىردى
ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باشلامچى كارخانا 161 گە يېتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەممە ساھەسىنى قاپلىدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-01-21 17:04:07

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جياڭ شياۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جۈنۋېي خەۋەر قىلىدۇ) ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى جەلپ قىلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئاقسۇ جېجياڭ - شىنجاڭ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى بۇ داۋلىنى ئىسپاتلىدى.

1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، مۇخبىر بۇ شىركەتنىڭ ياڭاق پىششىقلاش سېخىدىكى ئىشچىلارنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ياڭاق مېغىزىنى قاچىلاپ جېجياڭغا سېتىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

2018 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، جېجياڭلىق سودىگەر مەبلەغ سالغان جېجياڭ ـ شىنجاڭ مېۋىچىلىكى چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ شەھىرىگە ماكانلىشىپ، 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىدە شۇ يىلى قۇرۇلۇش باشلاپ، شۇ يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، شۇ يىلى پايدا يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىلىغا 5000 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ، 2000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق باغۋەننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر بۇ شىركەت ھەمراھ زاۋۇتلىرىنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىسمەن يېزا ـ بازارلىرىدا قۇرۇپ، يېقىن جايدا پىششىقلاش، يېقىن جايدىن ئىشچى قوبۇل قىلىش، تېز ئىشلەپچىقىرىش، تېز سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەكبەر مەمەت ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزىسى باشباغ كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ 14 مو ياڭاقلىقى بار ئىدى، بۇرۇن دائىم سىرتتىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ كېلىپ ياڭاقلىرىنى سېتىۋېلىشىنى ساقلايتتى، بۇ يىل ئاقسۇ جېجياڭ - شىنجاڭ مېۋىچىلىكى چەكلىك شىركىتى بۇ كەنتتە ياڭاق سېتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ،  

سۈپىتىگە قاراپ باھا بېكىتىپ، ئاشكارا سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋە يۇرتداشلىرى ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئەكبەر مەمەت مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تۆت توننىدىن ئارتۇق ياڭىقىمىزنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، ھەر كىلوگىرامىنى 15 يۈەندىن ئالدى، بەك خۇشال بولدۇم.

ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى باغچە رايونىغا جايلاشقان ئاقسۇ خېڭتۇڭ مېۋە شەربىتى چەكلىك شىركىتى 2015 ـ يىلىدىن بۇيان، مېۋە ـ چىۋە سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئونسۇ ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرىدىن 468 مىڭ 300 توننا ئالما سېتىۋېلىپ، 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قويۇلدۇرۇلغان ئالما شەربىتى ئىشلەپچىقىرىپ، باغۋەنلەرگە جەمئىي 365 مىليون يۈەن مېۋە پۇلى بەرگەن، مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ جەمئىي 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پېرېۋوت يارىتىپ، باغچە رايونىدىكى 18 مىڭدىن ئارتۇق باغۋەننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.

باي ناھىيەسى جياڭدا ياڭيۇچىلىقى، جياشۈن ياڭيۇچىلىقى قاتارلىق ياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. 2020 ـ يىلى، ناھىيە بويىچە ياڭيۇ تېرىلغۇ كۆلىمى 100 مىڭ موغا، ئومۇمىي مەھسۇلات 400 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندى.

مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 ـ يىلىدىن بۇيان، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكلەر تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش، قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى موتورغا ئايلاندۇرغان. ۋىلايەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتىدىن 499 ى كۆپىيىپ، 2084 كە يەتكەن؛ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان 492 كارخانا (يەككە تىجارەتچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 25 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 3 مىليارد 180 مىليون يۈەن ئاشقان؛ ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باشلامچى كارخانىدىن 31 ى كۆپىيىپ، 161 گە يېتىپ، ئاشلىق، پاختا، باغ ـ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىنى قاپلىغان.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش