دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-27 13:33:27

مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم

11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك باھا بېرىلدى، بۇ، كەڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان زور ئىلھام ۋە ھەيدەكچىلىك بولۇپ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەيسىرانە ئېلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، زور ئىلھاملاندىم، تولىمۇ ھاياجانلاندىم، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن.   

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن.

شۇ كۈنى، ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى APP سى ئارقىلىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ خەۋىرىنى كۆرۈپ، قۇربان نىيازدىن پەخىرلەندى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: قۇربان مۇدىر ئەتراپىمىزدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى، بىز چىن دىلىمىزدىن ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز. ئاساسىي قاتلامدىكى مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇربان مۇدىرنى ئۈلگە قىلىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يۈرەك قېنىمنى كۆپرەك سەرپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كۆيۈنۈپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشىمەن.

شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى يى شياۋجۈن مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇكاپات ئالغاندا چۈشكەن سۈرىتىنى ئالدى بىلەن ئىدارىسىگە يوللاپ، مۇكاپات ئالغاندىكى تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپ مەن بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان كوللېكتىپقا مەنسۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئەسلىي مەقسەتنى داۋاملىق چىڭ ساقلاپ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە كەسپىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، كەسپىي ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىمارلارنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن.

شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا، كۆيۈك يارىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى جاڭ خۇڭجى مۇنداق دېدى: يى مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى مېنىڭ دوختۇرلۇق سەپىرىمدىكى يول باشچىم، شۇنداقلا ئۆگىنىش ئۈلگەم، بۇنىڭدىن كېيىن داۋالاش ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلىنىمەن.

ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى لو دۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بىز ئاڭلىق ھالدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك ئارقىلىق بەخت يارىتىپ، ئەمگەك ئارقىلىق ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، تىنچ، باي، ئىناق، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز.

بۇ يىل ۋىلايەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىسى قاراقۇم كەنتىدىكى دېھقان ئېزىز ھوشۇر مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە قاراپ تېخىمۇ توغرىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش