دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچى شەرىپىگە ئېرىشتى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-27 13:32:18

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋەر قىلىدۇ) مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى بۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرىپىگە، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى يى شياۋجۈن ۋە تارىم داشۆسى ئۆسۈملۈك پەنلىرى شۆيۈەنى باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ۋۇ سۈييۈن مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى شەرىپىگە ئېرىشتى.  

قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: بۇ شان ـ شەرەپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ماڭا بولغان يەنە بىر قېتىملىق ئىلھاملاندۇرۇشى ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەن بۇ شان ـ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىش ئورنۇمنى مەۋقە قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمەن ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمەن.

2003 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، قۇربان نىياز ئىگىلىك تىكلەپ تاپقان پۇلىغا ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكىتىپىنى قۇرغان ئىدى، بۇ مەكتەپ شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكىتىپى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى، ئۇ خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا بىللە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دانىشمەن، پەزىلەت ئىگىلىرىدىن ئۆگىنىشنى يولغا قويدى. ئوقۇغۇچىلارنى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈشكە تەشكىللىدى، ئەرخۇ چېلىش، ياڭگىر ئۇسۇلى ئويناش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى. ئۇ: مەدەنىيەت تۇتاشسىلا، ئىدىيە تۇتىشىدۇ؛ ئىدىيە تۇتاشسىلا، تىل تۇتىشىدۇ؛ تىل تۇتاشسىلا، ھېسسىيات تۇتىشىدۇ؛ ھېسسىيات تۇتاشسىلا، قەلبلەر تۇتىشىدۇ، دېگەنگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ كىيىم ـ كېچەك مەدەنىيىتى، يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى، قائىدە ـ يوسۇن مەدەنىيىتى، بايرام مەدەنىيىتى، كىلاسسىك مەدەنىيەت، بىناكارلىق زىننەتلەش مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپتىن يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «قۇربان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش مەركىزى» قۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتتى.

يى شياۋجۈن خىزمەتكە قاتناشقان 23 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «ۋىلايەتلىك ئىلغار خىزمەتچى»، «ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار خىزمەتچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسپىي تېخنىكىسى، يۈكسەك خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش خىزمەت ئىستىلى بىلەن ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان ھەربىر بىمارنى قۇتۇلدۇرۇپ، بىمارلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، بىمارلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يى شياۋجۈن ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. يى شياۋجۈن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىشىم يالغۇز مېنىڭ شەخسىي شەرىپىم بولماستىن، بەلكى دوختۇرخانا كوللېكتىپىمىزنىڭ ئورتاق شەرىپى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، بىمارلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مۇلازىمەت قىلىمەن.

ۋۇ سۈييۈن تارىم داشۆسىدە ئىشلىگەن مەزگىلدە، باشتىن ـ ئاخىر خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى زورايىتىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە مۇلازىمىتىگە قارىتىپ، پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئامما، تېخنىكلاردىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەپ، 10دىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشۇش جەريانىدا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش