دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى كۇچا شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلىدى
مەنىۋى چوغ يېلىنجاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى
تەھرىر:
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2020-11-27 13:31:09

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز گۇڭ شىجيې، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز چېن شياڭ خەۋەر قىلىدۇ) مەنىۋى چوغ يېلىنجاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى كۇچا شەھىرىدە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر شۆبە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە، جۇ گاڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «تەكلىپ»نى چۆرىدەپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 ـ يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىشىشى، شۇنداقلا 2035 ـ يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشتەك كەلگۈسى نىشانى ۋە «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ فاڭجېن پىرىنسىپى، مۇھىم نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

لېكسىيە يىغىنىدا، لېكسىيەچىلەر چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك، تولۇق قىلىپ چۈشەندۈردى، ئاڭلىغۇچىلار پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. ئورتاق پىكىر مۇجەسسەملىنىپ، ئىدىيە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: لېكسىيە كاللىغا، قەلبكە سىڭدى، باش تېمىسى ئېنىق، مەزمۇنى مول، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بولدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئۆگىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم،  تېخىمۇ ئاڭلىقلىق، تېخىمۇ مول ئىجادچانلىق بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما يۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چۈشەندۇق، پىكىر يولىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يۆنىلىشىمىز تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

جۇ گاڭ يەنە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ سوئاللىرىغا يۈزتۇرا جاۋاب بېرىپ، يېڭىچە شەھەر ـ يېزا مۇناسىۋىتى، يېزا ـ كەنت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ـ كەنتلەرگە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېزا ـ كەنت پەن ـ تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي يېشىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

كۇچا شەھەرلىك چۈنرەن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ دېچيۇڭ مۇنداق دېدى: لېكسىيە دوكلاتى ئارقىلىق پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. يېزا ئىگىلىك كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

جۇ گاڭ يەنە كۇچا شەھەرلىك گورەنخاۋ بىيو ـ تېخنىكا شىركىتى، شىنجاڭ چېڭرۈن جىنلەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازارلىق جۈشىن چارۋا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق جايلاغا بېرىپ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ كەيشۈەن، چىن جيايوۋ لېكسىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش