دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدىكىلەر پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى
ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش، ئىشىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرىمىز
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-27 11:06:50

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ فاڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدىكىلەر پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى. كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش، ئىشىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتىمىز.

ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خەن پېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشكە كۈچەيمىز. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىز تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنىڭ كېلەر يىللىق خىزمەت پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، «14 ـ بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئۇل سالىمىز.

ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كۆزنەك خىزمەتچىسى گاۋ شيۇمىن مۇنداق دېدى: ئۆز خىزمىتىمىزنى مەۋقە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايىتىمىزنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىگە قارىتا پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشنى سىجىل يولغا قويۇپ، «ئازايتىش، قويۇۋېتىش ھەم ئۆزگەرتىش، تەڭشەش» قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئاددىيلاشتۇرىمىز، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا توردا مۇلازىمەت قىلىش زالى بەرپا قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا خىزمەتلەرنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

كۇچا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى سۈن خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇپ، پار تەمىنلەش كارخانىسى، پار يەتكۈزۈش پونكىتى، پار تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، ئائىلىلەرگە بولغان ھەر ۋاقىت ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى قىلىپ، پار تەمىنلەش خىزمىتىنى چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئىنكاس قىلغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش