دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئاچتى
ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، «ئالتىنى ئېنىق سۆزلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-27 11:04:54

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەن يەنلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ) 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلەش دوكلات يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى دەرھال ۋىلايەتلىك لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى، تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەشكىللەپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ يۈشۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان ھەل قىلغۇچ پەيتتە چاقىرىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ يىغىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش لازىم. تىرىشىپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر قەدەم ئالدىن ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئېنىق سۆزلەپ تولۇق چۈشەندۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئاساسىي رىتىمنى توغرا ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، «ئالتىنى ئېنىق سۆزلەش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەل قەلبىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، ئۆلچەمگە، نىشانغا توغرىلىنىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش لازىم. ۋىلايىتىمىزدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆزلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشى كېرەك. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى 12 تۈرلۈك قۇرۇلۇشى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەزمۇنىغا ئىگە، زامانىۋى مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمەت ۋەزىپىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى بويىچە، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۈتۈن ۋىلايىتىمىزدە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك.

يىغىندا، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئاقسۇ گېزىتخانىسى، ۋىلايەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەدەنىيەت، ساياھەت سىستېمىسىدا قانداق قىلىپ 5 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ، لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى قانداق قىلىپ تەشۋىقات، لېكسىيەنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، قانداق قىلغاندا 5 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش