ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز رېن چۈنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جۈنجېن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «4 ـ تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ـ باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 20 شەھەر تاللانغان، كۇچا شەھىرىمۇ بۇ تىزىملىكتە بار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ نامغا ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى يېڭى ۋەزىيەتتە ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەرنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتى ئوخشاش بولۇش، قانۇنچىللىق كاپالىتى ھوقۇقى ئوخشاش بولۇش، مەنىۋى يۇرت ـ ماكاننى ئوخشاش قۇرۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئوخشاش بەرپا قىلىش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىل، ئاساسىي قاتلام ئۇلى، تۈزۈم، قانۇن ـ تۈزۈمدىن ئىبارەت «تۆت كاپالەت»نى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر يىغىشنى ئەلالاشتۇرۇشتا «كىملىك ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش»، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا «ئۆي ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش»، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە «كەسىپ ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملاشتۇردى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «تۆت چوڭ سۇپا» ئارقىلىق ئەلا مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى. مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى تىرەك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى يادرو قىلىش، مەھەللىگە سىڭىشىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتەك تۈزۈملەشكەن، قېلىپلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن شەھەر مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۇچا شەھىرىنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى كۇچا شەھىرىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ـ باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت يىغىن، ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك سىجىل قانات يايدۇرۇۋاتقان نۇقتىلىق خىزمىتى بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت تىپ تۇرغۇزۇپ، ئۈلگىنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش