دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دوۋ ۋەنگۇي كۇچا، شايار، توقسۇ، ئونسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-25 18:59:13

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جياڭ شياۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لياڭ خەيبىن خەۋەر قىلىدۇ) ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 23 ـ كۈنىگىچە، كۇچا شەھىرى، شايار، توقسۇ، ئونسۇ ناھىيەلىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، دائىملاشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت قىلىپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئەۋزەللىكنى مەۋقە قىلىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تىنچ، ئىناق، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    دوۋ ۋەنگۇي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلاردىن ھال سوراپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىدە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى ھەم ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، دائىملاشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى كۇچا سودا زاپاس ساقلاش ئامبىرى، كۇچانىڭ يىلىغا 300 مىڭ توننا چىگىتنى بىر تەرەپ قىلىپ قويۇقلاندۇرۇلغان ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنچىكە ئىش قوشۇش، توقسۇنىڭ يىلىغا 15 مىليون دانە سانائەت توقۇلما خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى ھەم ئونسۇ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى باغچە رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە تۆت ناھىيە (شەھەر)نىڭ چارۋا باقمىچىلىق بازىلىرىغا بېرىپ، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تەلەپ قويدى.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنى تۈرلەشتۈرۈش، تۈرلەرنى باغچە رايونىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، باغچە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، باغچە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغچە رايونى تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. ناھىيە (شەھەر)لەر سەرخىل خادىملاردىن سودىگەر چاقىرىش كىچىك گۇرۇپپسى تەشكىللەپ، سىرتقا سودىگەر چاقىرىشقا ئەۋەتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، نېفىت خىمىيە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا ئىنچىكە ئىش قوشۇش قاتارلىق ساھەلەرنى نىشانلاپ، چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سودا، ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، شەھەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، سودا، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى جانلاندۇرۇشقا ئۇل سېلىشى كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشكە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، «100مىڭ، 1 مىليون، 10 مىليون، 100 مىليون» تەرەققىيات پىكىر يولىغا ئاساسەن، زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ ھەم كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ راۋاجلاندۇرۇشنى ھەم كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بايلىق ئالاھىدىلىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئۇل سېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ، تۈر مەبلىغىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆكتات بازىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى چوڭقۇر ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇش ئىدىيەسى، كۆز قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتەك قويۇق كەيپىياتنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەشكە مۇۋاپىق يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن چىن جيايوۋ، جيا جىڭلېي، ئەمەرجان ئاۋۇت قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

 


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش