دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئاممىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى جىددىي قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-25 18:56:19

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جيا شۈەي خەۋەر قىلىدۇ) 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسى شايار بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرى مەدەنىيەت مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ئايگۈل ھامۇتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى.

2019 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، ئايگۈل ھامۇتنىڭ قىزى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىدا بالىلارغا جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئىدى، گەرچە داۋالىنىشقا كۆپ خىراجەت كېتىپ، ئائىلىنىڭ بارلىق تاپقان ـ تەرگىنى تۈگىگەن بولسىمۇ، بىراق، داۋالىنىش كاپالىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەمدە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ پايدىسى بىلەن، ئۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئايگۈل ھامۇت مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى غەمخورلۇقىغا كۆپ رەھمەت، بۇ غەمخورلۇقلار ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللەتتى.

ئايگۈل ھامۇتقا ئوخشاش ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشتىن بەھرىمەن بولغانلاردىن يەنە ھېپىزەم باتۇر ئائىلىسىمۇ بار. بۇلتۇر ھېپىزەم باتۇرنىڭ قىزىغا بۇرۇن راكى، دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، بۇ ئائىلە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھۆكۈمەتكە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە ئىلتىماسى ناھايىتى تېزلا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ۋە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى.

ھېپىزەم باتۇر مۇنداق دېدى: قىزىم ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پۇلى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولدۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «جىددىي قىيىنچىلىق»قا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇلۇپ، «ئاۋۋال قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈشنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي يەتكۈزدى. شايار ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جەمئىيەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ نا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە بولغان ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

مۇخبىرلارنىڭ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بەزى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇشتۇمتۇت خاراكتېرلىك، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ئەھۋالىنى خىلمۇخىل شەكىلدە ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكتىنى ئېنىقلاش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بەرگەن. شۇنداقلا، ۋىلايەت ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئاساسىي تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئائىلىلەر ۋە شەخسلەرنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى يېزا ـ بازار، كوچىلارغا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 43 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش زاپاس مەبلىغى چۈشۈرۈپ بېرىپ، جەمئىي 37 مىليون 117 مىڭ يۈەن قىممىتىدە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق كاپالەت خاراكتېرلىك ماددىي ئەشيا تارقىتىپ، جەمئىي 320 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم)گە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردىمى بەرگەن.

«13 ـ بەش يىل»دىن بۇيان، ۋىلايەت ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى كۈچەيتىپ، «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن تۇرمۇش چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، جىددىي قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» ئومۇمىي پىكىر يولىغا ئاساسەن، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دەل جايىدا قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا جەمئىي 3 مىليارد 299 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مەبلىغى تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن ئەھۋال سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش