ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى بۇ يىل 2 ـ قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:27:45

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى بۇ يىل 2 ـ قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ۋە سىچۈەننىڭ شىچۈەن شەھىرى جىڭجيۇ يېزىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى ئۆگەندى ھەمدە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىكى «3+1» نۇقتىلىق خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ،پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان ـ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى  جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىن كىرىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نۆۋەتتە ھەتتا خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمىتىنى تېزلىتىش كېرەك. چارۋىچىلىق كەسپى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش لازىم. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروت زەنجىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ئومۇمىي گەۋدە بويىچە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان ـ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ـ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي بوشاشماي قوغداپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۈزەپ، «ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى ئالدى بىلەن يولغا قويغان رايون»نى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ باغچىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ـ يېزىلاردىكى يېشىللىقنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ ئاقسۇنى ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان بەختلىك ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن جەڭ قىلىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەم جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشكە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن نىياز ھاشىم، ليۇ باۋشېڭ، پەتتار تۇرسۇن، ئەنۋەر مۆمىن، دېڭ شۈەنبىن، ليۇ خۇڭجۈن، ۋۇ داڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش