ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

قەتئىي تۈردە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشىغا
دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:26:16

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە بۇ يىل 3 ـ قېتىم مەخسۇس ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2020  ـ يىللىق ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق  9 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قايتا ئۆگىنىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن نىياز ھاشىم، ليۇ باۋشېڭ، پەتتار تۇرسۇن، ئەنۋەر مۆمىن، دېڭ شۈەنبىن، ليۇ خۇڭجۈن، ۋۇ داڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى، سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مىنۇت ـ سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت ـ شىجائىتى بىلەن، ئادەتتىن تاشقىرى سالماقلىق ۋە چارە ـ تەدبىر ئارقىلىق، چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. «تۆتنى تاشلىماسلىق»، «سەككىزنى ئۆزگەرتمەسلىك» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ساھە ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق يۆلەشتەك «تۆت بىرگەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىق ۋە كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا نىشانلىق كۈچەپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، دەل جايىدا تەدبىر يولغا قويۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ھالەتلىك نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %95 تىن ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق، پاختا كەسپىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىدىغان يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى، كەسپىي ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، مەسىلىنى تۈزىتىشنى راسا چىڭ تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەر بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن ـ نىزامغا، نىشانغا، تىزىملىك دەپتىرىگە قاتتىق توغرىلىنىپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرىنى ئورنىتىپ، تۈزىتىش تىزىملىكىنى تۈرمۇتۈر تۈزۈپ، بىرنى تۈزەتسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيە، كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كادىرلار ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىش، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقە باغلاش، نازارەتچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي  نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى چۆرىدەپ، ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىپ ھەم جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى كۆتۈرۈشنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سان ـ سىفىر سۇپىسىغا تايىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىگنال بېرىش، كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاپ، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقە باغلاش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىك، نامراتلىشىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بويىچە قانۇن ـ نىزامغا، نىشانغا قاتتىق توغرىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. سان ـ سىفىرلارنىڭ سۈپىتىنى 1 ـ ئورۇنغا قويۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت باشقۇرۇشنى پۈتۈن مۇساپىلىق كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سان ـ سىفىرلارنىڭ راستلىقى، مۇكەممەللىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆت دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش ـ روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي خىزمەتنى تۇتۇش، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، 16 مەخسۇس گۇرۇپپا ۋە ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار مەۋقەنى تارماقنىڭ فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كونكرېت خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ ھەرقايسى قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش ـ يۆلەش ئورۇنلىرى ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش كادىرلىرى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقە باغلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سالمىقى، قوللاش سالمىقى ۋە خىزمەت سالمىقىنى سىجىل زورايتىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئائىت تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ ۋە قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشى كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاقسۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش