ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بۇ يىل 17 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ي
دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:24:28

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 4  ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بۇ يىل 17 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەركەز 6 ـ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇشى ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى باھالىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنى تۈزىتىش لايىھەسى»، «يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۈچ يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسى»نى قاراپ چىقتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ى ــ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەركەزنىڭ كۆزىتىش بويىچە تۇنجى قېتىم «قايتا قاراپ چىقىش»ى ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ،مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالىشى ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنى تۈزىتىش -ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىزىملىك دەپتىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، تۈزىتىشنى قەتئىي كەسكىن ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت»لىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى باھالىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى قايتما ئىنكاس قىلىنغان ۋە بايقالغان باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرىنى ئورنىتىپ، تۈزىتىش تىزىملىكىنى تۈرمۇتۈر تۈزۈپ، بىرنى تۈزەتسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممىگە ئېلىپ، تۆت دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1 ـ قول رەھبىرى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرمۇتۈر نىشانغا توغرىلاپ تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇش، تۇتۇشتىن نەتىجە ـ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، مۇستەھكەملەشكە، تۈزىتىشكە، سۈپەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىشتا ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، قەلبنى، كۈچنى «ياردەم بېرىش»كە قارىتىپ، قەلبنى، كۈچنى «جەڭ»گە مۇجەسسەملەپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»تىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. سىياسەتنىڭ مۇقىملىقلىقى، ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چارە ـ تەدبىرلەرنى پۇختا، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى كۆتۈرۈشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، 1 ـ ، 2 ـ ، 3 ـ كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىنىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن نىياز ھاشىم، ليۇ باۋشېڭ، پەتتار تۇرسۇن، ئەنۋەر مۆمىن، دېڭ شۈەنبىن، ليۇ خۇڭجۈن، ۋۇ داڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش