ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت يېزىلاردا بەخت ساناتورىيەسىدىن 80 نى يېڭىدىن قۇرىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرىدۇ
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:22:41

ياشانغانلارنى داۋالىنىش ـ كۈتۈنۈش بىرلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 3 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ۋىلايەت «يېزىلاردا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن مەركەزلىك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، ۋىلايەت يېزىلاردا بەخت ساناتورىيەسىدىن 80 نى يېڭىدىن قۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن مەركەزلىك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا (بازار)لارنى تولۇق قاپلاش، يېزىلاردىكى ياردەمگە موھتاج ياشانغانلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«لايىھە»گە ئاساسەن، يېزىلاردىكى بەخت ساناتورىيەلىرىنىڭ نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ئوبيېكتى ــ قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلار يوق، تۇرمۇش ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان تەنھا ياشانغانلار، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى مېيىپ ياكى كېسىلى ئېغىر ياشانغانلار، پەرزەنتلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، تارقاق ئولتۇراقلاشقان «بەشتە كاپالەتلىك» قىلىنىدىغان بېقىش ئوبيېكتى، يېزىلاردىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم نەمۇنىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇقتىلىق مۇلازىمىتى يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، جۈملىدىن تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، تازىلىق قىلىش، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ياشانغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ. يېزىلاردا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇشتا «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت قوللاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھازىرقى يېزا ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەربىر يېزا(بازار)غا بىردىن  بەخت ساناتورىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان يېزا بەخت ساناتورىيەسىگە يەر تاللاشتا پىرىنسىپ جەھەتتىن يېزا (بازار)لىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي تاللىنىدۇ، بوش تۇرغان يېزا (بازار) ئىشخانا ئۆيى، مەكتەپ ياتىقى، زاۋۇت ئۆيى قاتارلىقلارنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ؛ پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر قەۋەتلىك پىڭفاڭ ئۆي، چاسا قورۇ شەكلىدە لايىھەلىنىپ قۇرۇلىدۇ، تۇرالغۇ ئۆي ئىككى كىشىلىك ئۆلچەملىك ياتاق بولۇپ، ئاشخانا، كىر يۇيۇش ئۆيى، پائالىيەت ئۆيى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلار يۈرۈشلەشتۈرۈلىدۇ، مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى سەپلىنىدۇ، ئىسسىق ساقلاش، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولىدۇ؛ يېزا (بازار)لاردىكى بەخت ساناتورىيەسىنىڭ دەسلەپكى كۆلىمى 50 تىن 100 گىچە ئادەم  ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كۆلەمدە بولۇپ، كېيىنچە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەدرىجىي كېڭەيتىلسە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەكتىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، 80 يېزا(بازار)دا بەخت ساناتورىيەسىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 94958.52 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 3418 كارىۋات سىغىدۇ، 4 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۈر قۇرۇلۇشىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار پىلان، لايىھە، تۈر تۇرغۇزۇش قاتارلىق ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەت تاماملىنىدۇ، 4 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5 ـ ئاينىڭ باشلىرىغىچە ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك پۈتتۈرۈلۈپ، ئۈسكۈنە ـ ئەسلىھەلەرنى سەپلەش، ياشانغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.

ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خۇاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: يېزا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ناھىيە (شەھەر)لەر يېزا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېتىبارلىق سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش كۈچلىرىنى سەپلەشنى پائال كۈچەيتىپ، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى بىلەن يېزا بەخت ساناتورىيەسىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەخت ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلارنى داۋالاش ـ كۈتۈنۈش بىرلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ يېزا بەخت ساناتورىيەسىدە ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېزا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇش ــ ۋىلايىتىمىز بۇ يىل يولغا قويغان مۇھىم، زور ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، بىز ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يېزا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاپ، ھەر مىللەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بەخت يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش