ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت 167 مىليون يۈەن مەخسۇس تولۇقلىما مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ئىشلەتتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:21:46

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ بۇ يىللىق 167 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلىغى ۋىلايىتىمىزگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ ۋىلايىتىمىزدىكى يەتتە ناھىيە، ئىككى شەھەرنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى يېزا ئىگىلىكى - يېزا بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى چارۋا بېقىش چەكلىنىپ قورشاپ يېتىشتۈرۈلىدىغان ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭ بولغان رايون، شۇنداقلا، ئادەتتىكى چارۋا بېقىش چەكلەنگەن تۈرلەردىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارغا تولۇقلىما قىلىپ بېرىلىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلىدۇ.

ۋىلايىتىمىز بۇ يىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئوتلاق تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان كۆلەم 46 مىليون 290 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە: ئادەتتىكى چارۋا بېقىش چەكلەنگەن كۆلەم 7 مىليون 850 مىڭ مو، سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى 500 مىڭ مو، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان رايون 37 مىليون 940 مىڭ مو بولۇپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىگە ئاساسەن، 167 مىليون يۈەن تارقىتىلىدۇ. چېكىنىشى ئېغىر بولغان مۆتىدىل قاقاسلىق، سوغۇق قاقاسلىق ۋە سوغۇق ئوتلاق قاتارلىق ئادەتتىكى چارۋا بېقىشنى چەكلەشكە ھەر موسىغا ھەر يىلى ئالتە يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان جايلارغا ھەر موسىغا ھەر يىلى 50 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى ئوتلاقنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان رايونلاردا ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ھەر موسىغا ھەر يىلى 2.5 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ، ئەنئەنىۋى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2011 ـ يىلىدىن باشلاپ ۋىلايەت ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەش تولۇقلىمىسى، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى ۋە ئوت ـ چۆپ ئەلا سورت تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ۋىلايىتىمىزدە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئاساس قىلغان سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىم چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %13 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئاساسلىق مەنبەگە ئايلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تولۇقلىما مەبلىغىدىن ۋىلايىتىمىزدىكى 20 مىڭ ئائىلىلىكتىن كۆپرەك دېھقان ـ چارۋىچى نەپكە ئېرىشىدىكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش