ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ھەممە يەردە بېيىش يولى بەرپا قىلىندى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:20:34

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ھويلىغا 10 نەچچە دانە توكلۇق موتوسىكلىت رېمونت قىلىنىش ئۈچۈن توختىتپ قويۇلغان بولۇپ، قوتاندىكى نەچچە 10 قوي ئوت ـ چۆپ يەۋاتاتتى، ئەگمە پارنىكتىكى كۆكتاتلارمۇ ئىنتايىن ئوخشاپ كەتكەن ئىدى ... 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزىسى قوشئېرىق كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن ئوسماننىڭ ئۆيىدە، بۇ ئائىلىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىق مەنزىرىسى مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

تۇرسۇن ئوسمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىز نامرات، جان سانىمىزمۇ كۆپ ئىدى، دائىم بىر ۋاق توق، بىر ۋاق ئاچ يۈرەتتۇق، ھازىر ھەر كۈنى ئالدىراش يۈرسەكمۇ، تۇرمۇشىمىز ئەھمىيەتلىك ۋە بەختلىك ئۆتىۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى.

تۇرسۇن ئوسمان 2013 ـ يىلى ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات بولۇپ، 2016 ـ يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، كۆپ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى.

تۇرسۇن ئوسمان نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھەمىشە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرەلمەي يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، كەنت ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، ۋاقتى چىقسىلا باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىققا ئائىت كىتابلارنى كۆردى، ئۆزىنىڭ يەتتە مو يېرىدىن باشقا، يەنە سەككىز مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ياڭاق كۆچىتى تىكتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىشىكى ئالدىدا توكلۇق موتوسىكلىت رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچتى.

تۇرسۇن ئوسمان مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئەگمە پارنىكتىكى كۆكتاتلاردىن 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، رېمونتچىلىقتىن قىلغان كىرىمىم ۋە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىدىن ئالغان ئىش ھەققىمنى قوشقاندا، ئائىلەم ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ قالدى.

ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ قوشئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى جاڭ دېخەي مۇنداق دېدى: 2019 ـ يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، كەنتىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدى، بۇ يىل بىز مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ھەرىكەتكە كېلىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىش يولىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش