ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

قان ئىشلەش شەكلىدىكى ياردەم بېرىش ـ يۆلەش كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-09 17:18:15

«ئاقسۇ گېزىتى» مۇخبىرى دۇڭ چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زېڭ دېمىڭ

«كەلسىلە مېھمان، كەلسىلە، پاخلان گۆشى كاۋىپى»، «تونۇردىن ھازىر چىققان سامسىنى تېتىپ بېقىڭلار» ...  4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى سايباغ كەنتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈلگە نۇقتىسىدا، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچى تۇرغۇن تۇرسۇن ئۈنلۈك ئاۋازدا خېرىدار چاقىرىۋاتاتتى.

سايباغ كەنتىدىكى ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت كەنتتە ئۈچ قەۋەتلىك نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بىناسى سېلىپ، 1 - قەۋىتىنى ئىگىلىك تىكلەش دۇكىنى قىلىپ، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يولىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

2018 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، ئونسۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سايباغ كەنتىدىكى كۆچۈرۈپ يۆلەنگەن نامراتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا ھەقسىز قاتنىشىشىنى پائال قوللىدى. شۇ يىلى 9 ـ ئايدا، ھۆكۈمەت پۇل تۆلەش، قىيىنچىلىقى بار ئامما ھەقسىز تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىدە، سايباغ كەنتىدە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇردى. ھازىر بۇ باغچىدىكى 34 دۇكان ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار سەككىز ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىسى مۇستەھكەملىنىپ، 19 ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى چېن چىيۇڭ مۇنداق دېدى: 2019 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سايباغ كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىنى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى ۋە ۋىۋىسكا ئېسىپ، بازاردا دۇكان ئاچقان، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 26 ئادەمنىڭ ھەربىرىگە 4000 يۈەندىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بەردى.

چېن چىيۇڭ مۇنداق دېدى: سايباغ كەنتىدە ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە كەنتتە كەچلىك بازار، يېزا ـ كەنت چوڭ سەھنىسى، ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت نۇقتىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇش سۇپىسىغا ئىگە قىلىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش