ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى
​مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-04-03 17:01:56

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. ۋىلايەتنىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى نەق مەيدان يىغىنى 3 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ئاۋات ناھىيەسىدە ئېچىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇ كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسى كىچىك بەشئېرىق كەنتىدىكى باغ ـ ئورمانچىلىق بويىچە «1 مىليون مولۇق سۈپەتلىك باغ ـ ئورمانچىلىق بازىسى، 100 مىڭ مولۇق سۈپەتلىك ئاشلىق بازىسى، 10 مىڭ توننىلىق سۈپەتلىك گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىسى» قۇرۇلۇشى، بەشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى تاللىق كەنتىدىكى قارا مور تېرىقچىلىق بازىسى، تامتوغراق بازىرى نوچىسۇڭ كەنتىدىكى سورتلۇق بۇغداي يېتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىق يەتتە كۆرەك نۇقتىسىنى كۆرەك قىلىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغ ـ ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش، كېۋەز تېرىش، قالدۇق يوپۇقنى يىغىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ـ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق پەيتىنى قولدىن بەرمەي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش تەقسىملەش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يول يۈرۈشى قولايسىز بولۇش سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ چاتاش، شالاڭلىتىش، باغنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تارقاق قانات يايدۇرۇپ، «ئادەملەر توپلىشىۋېلىش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىز ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە  زور دەرىجىدە ئۇچراپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ھالقىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى بويىچە يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشتا ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداينىڭ ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسول ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېۋەز، بۇغداي سورتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ كىلىمات شارائىتىغا، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەرتىپلىك يېتەكلەپ، بىر ناھىيەدە «بىر ئاساسى، ئىككى قوشۇمچە سورت» ئىشلىتىش ئەندىزىسىدىكى تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ماددىي سېلىنمىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش يوقىتىش خىزمىتىنى ۋە باھارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، چېچەك مەزگىلىدە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچىكىنى، مېۋىسىنى ساقلاش تېخنىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل مول ھوسۇل ئېلىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «كۆپىيەلەيدىغان چىشى چارۋىنى كۆپەيتىش، قوتاندىن چىقىرىشنى كۆپەيتىش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كالا باقمىچىلىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، قوي باقمىچىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە باقمىچىلىقنى تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش ۋە تاۋارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە جايلىشىشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. بۇ يىل يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى، شۇڭا ۋەزىپىنى جەزمەن ئورۇنداش كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقە باغلاش، نازارەتچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يوچۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلىشى كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، چوقۇم «كېسەللىك مەنبەسىنى يوقىتىش، كېسەللىك يىلتىزىنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئاۋات ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋەكىللىرى تېرىلغۇ يەرنى تەكشىلەش، يەر ئوبوروت قىلىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ـ ئېرىق قۇرۇلۇشى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ كەيشۈەن، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەمەرجان ئاۋۇت يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش